باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان چاۋشىيەننى تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلغان دۆلەت باشلىقى

2013.10.29 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى چاۋشىيەننى زىيارەت قىلدى، ئۇ كىم جۇڭئيۇن

  موڭغۇلىيە تاشقى مۇناسىۋەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 28-چېسلا مۇنداق ئۇچۇر ئېلان قىلىنغان: موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبەگ دورج شۇ كۈنى چاۋشيەننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. بۇ ئەلبەگ دورجنىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىمقى رەسمىي زىيارىتى، شۇنداقلا كىم جۇڭئيۇن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى چاۋشىيەننى تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلغان چەت ئەل دۆلەت باشلىقى.

  موڭغۇلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەلبەگ دورجنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان زىيارىتىگە قارىتا تۆۋەن پوزىتسىيەدە بولدى، موڭغۇلىيە تاشقى مۇناسىۋەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا پەقەت مۇنداق دېيىلگەن: ئەلبەگ دورج چاۋشيەننى4 كۈن زىيارەت قىلغاندا، چاۋشيەننىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى، ئورتاق قىزىقىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. موڭغۇلىيە ئاخبارات تورى 28-چېسلا موڭغۇلىيە «ھەپتىلىك خەۋەر» ژۇرنىلىدىكى «بېكىنمە دۇنياغا قىلىنغان زىيارەت» دېگەن ماقالىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق ھېسابلىغان: موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ چاۋشىيەنگە قىلغان سەپىرى «بۇ بېكىنمە دۇنيانىڭ دېرىزىسى»نى ئاچقۇسى. تورداشلار بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىپ، «بۇ قېتىمقى زىيارەت موڭغۇلىيەنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرىدۇ» دېگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر