شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 31-چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئاياللىرىنىڭ ئۇلۇغ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى