باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇكاپاتى تۈرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى

2013.10.16 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، دۆلەتلىك تېخنىكا مۇكاپاتى ئۈچ چوڭ مۇكاپات تۈرىدە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى ئىلىگىرىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۇمۇمىي سانىنىڭ %64 گە يەتكەن؛ 2012-يىلى ئالىي مەكتەپلەر تېخنىكا تەتقىقات خىراجىتى 117 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۆلەت تېخنىكا تەتقىقات خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ %11 نى ئىگىلىگەن.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك تېخنىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەر تەبىئىي پەن تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 557 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇشۇ خىل مۇكاپات تۈرىدە ئېرىشىلگەن ئومۇمىي مۇكاپاتنىڭ %53.6 نى ئىگىلىگەن؛ تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىنىڭ 1290 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇشۇ خىل مۇكاپات تۈرىدە ئېرىشىلگەن ئومۇمىي مۇكاپاتنىڭ %38.4 نى ئىگىلىگەن؛ تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنىڭ 3462 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇشۇ خىل مۇكاپات تۈرىدە ئېرىشىلگەن ئومۇمىي مۇكاپاتىنىڭ %33.2 نى ئىگىلىگەن؛ يەتتە ئادەم ئالىي تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇشۇ خىل مۇكاپات تۈرىدە ئېرىشىلگەن ئومۇمىي مۇكاپاتىنىڭ %31.8 نى ئىگىلىگەن. دۆلەت تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈلمىسىنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مائارىپ مېنىستېرلىكى تېخنىكا مۇكاپات تۈرى 1985-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى مۇكاپاتقا ئېرىشىلىش قېتىم سانى 28 قېتىمغا يەتكەن، ئومۇمىي مۇكاپاتلانغان پۈتۈن مەملىكەت ئالىي مەكتەپلىرى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىسى 9684 تۈرگە، مۇكاپاتلانغان ئادەم 60 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىم سانىغا يەتكەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر