- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ماقۇللىدى
2013.10.17 15:59 مەنبە: خەلق تورى
قەرز چېكى كىرزىسىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر نيۇيوركتىن بەرگەن خەۋىرى: مۇشۇ چارشەنبە چۈشتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئاخىرقى قەرەلىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنى قايتا ئېچىش ھەمدە قەرز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى لايىھەنى ماقۇللىدى. كېڭەش پالاتاسى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى خاررى رۇەيد ۋە ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىكاناگەي دۆلەت مەجلىسى ئىككى پالاتاسىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كېلىشىم مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى: دۆلەت مەجلىسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتنى تەستىقلىتىشى ھەمدە قەرز يۇقىرى چېكى قەرەلىنىڭ توشۇش ۋاقتىنى كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈش. (مۇخبىر شۈ پېڭ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر