- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جېجياڭ، فۇجيەنگە 118 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىلدى
2013.10.17 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جېجياڭ، فۇجيەنگە مەركەزنىڭ 118 مىليون يۈەنلىك تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئاجرىتىپ، بۇ يىل بۇففېت تەيفېڭ بورىنى ۋە ئۇ پەيدا قىلغان قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆرۈلگەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا سېلىش ھەم ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە تارقىتىشقا ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم قىلدى.
بۇندىن بۇرۇن، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇففېت تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى ۋە دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان ھەم خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى جېجياڭ، فۇجيەندىكى ئاپەت بولغان جايلارنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر