باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرى: كورېيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا قاتناشمايدۇ

2013.10.17 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىن كۇەنجېن 16-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كورېيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى(MD)غا قاتناشمايدىغانلىقىنى، كورېيەنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى(KAMD)نى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى سىستېمىنىڭ مۇداپىئە نىشانى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جىن كۇەنجېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە مۇۋاپىقمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور مەبلەغ سەرپ قىلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئاساسلىق ئۆز تۇپرىقىنى ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، كورېيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپلىق قوراللىرىنى كىرگۈزۈشكە، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجلىق.

  جىن كۇەنجېن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ھازىرچە SM-3 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ۋە THAAD سىستېمىسى (ئاخىرقى بۆلەك يۇقىرى بوشلۇق رايونىدا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى) نى كىرگۈزۈشنى ئويلاشمايدۇ، بەلكى ۋەتەنپەرۋەر PAC-2 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 3PAC- تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئۆزگەرتىش، ھەمدە 2020-يىلى ۋە 2022-يىلى ئوتتۇرا مۇساپىلىق يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا (M-SAM)نى ۋە يىراق مۇساپىلىق يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا (L-SAM)نى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

  كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئەسلىدە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى 2015-يىلى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بېكىتكەن بولۇپ، كورېيە ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى مەقسەتلىك كېچىكتۈرۈۋاتىدۇ. گۇمانلانغۇچىلار مۇنداق دېدى: كورېيە «ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا قاتنىشىش»نى ياكى ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلىشى مۇمكىن. ئانالىزدا مۇنداق دېيىلدى: جىن كۇەنجېننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزنى قىلىشتا بۇ گۇماننى ئىنكار قىلىش ئويى بار.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر