باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە ئىراق ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئادەم 460 مىڭدىن ئاشقان

بۇ ئىلگىرىكى مۆلچەردىن خېلىلا ئارتۇق

2013.10.17 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ئىلىم-پەن ئاممىۋىي كۈتۈپخانىسى مېدېتسىنا قىسىمى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە باش بولۇپ قوزغىغان ئىراق ئۇرۇشىدا 2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە 461 مىڭ ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى 115 مىڭ ئادەم ئۆلگەن دېيىلگەن مۆلچەردىن خېلىلا يۇقىرى چىققان.تەتقىقات خادىملىرى ئىراقتىكى 100 نەچچە رايوندىكى 2000 ئائىلىنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلغان ھەم ئىراقتىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلارنىڭ سانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىنورمال ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنى 461 مىڭ دەپ ھېسابلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشتا ياكى زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىۋاستە ئۆلگەنلەرنىڭ نىسبىتى %60 بولۇپ، قالغان %40 ئادەم ئۇرۇش ۋە زورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساقلىق-ساقلاش سىستېمىسىنىڭ پالەچ بولۇشى، يېمەكلىك ۋە پاكىز ئىچىملىك سۇنىڭ يېتىشمەسلىكى قاتارلىق ۋاستىلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر