لائوستا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندا ھايات قالغانلار توغرىسىدا خەۋەر يوق
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لائوس ئاممىۋى قۇرۇلۇش ۋە ترانسپورت مىنىستىرلىقى بىلەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 16-چېسلا كەچ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لائوسىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر پاسى شەھىرىدە مىيگەۇڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن QV301 نۆۋەتلىك ئايروپىلاندا 49 ئادەمنىڭ بارلىقىنى ، نۆۋەتتە ھايات قالغانلار توغرىسىدا خەۋەر يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.باياناتتا دېيىلىشىچە، ئايروپىلاندا 44 نەپەر يولۇچى ۋە بەش نەپەر ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، ئايروپىلان پاسى ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مىيگۇڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن.
جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ لائوس تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندا ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق يولۇچى بولۇپ، بىرىنىڭ تەيۋەنلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. لائوس تەرەپ، نۆۋەتتە بۇ ئىككى يولۇچىنىڭ قازا قىلغان ــ قىلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئايروپىلاندا ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ لائوسقا بېرىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا زۈرۆر ياردەم بېرىدىكەن.