باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۈچ سىنىشىشى داۋام ئەتمەكتە(1)

2013.10.17 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە باش مىنىستىرى مىدۋېدىۋ 15-ئۆكتەبىر ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئازاروف بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كالۇگادا كۆرۈشكەندىن كېيىن ناۋادا ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن «ئالاقە قىلغۇچى دۆلەت ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى» ئىمزالىسا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇمكىنچىلىكى يوققا چىقىدۇ دېدى. ئازاروف: ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش مەسىلىسىدە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قاراشلىرى بار، بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى بىر تۈگۈن. ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا تەۋرىنىپ قېلىشى بۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە تايىنىپ پايدا ئېرىشىشى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ چىشىغا تەگمەسلىكنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكسى ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەنپەئەتنى ئويلاشقاندا، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىن ئايرىلىپ ياۋروپاغا كىرىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى مارتتا، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە قىلغۇچى دۆلەت كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرى بۇ ھۆججەتنى رەسمىي ئىمزالايدۇ، شۇ چاغدا ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاساسىي گەۋدىسى ئەركىن سودا رايونىغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشىدۇ.

  بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈركىلىشى يېقىندىن بۇيان كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى: ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان شاكىلات قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئالاھىدە باجنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىمپورت ماشىنىلىرىدىن ئالىدىغان باجنى كۆپەيتىشىدىن ئۆچ ئالدى؛ ئاۋغۇستتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن: ناۋادا ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە قىلغۇچى دۆلەت كېلىشىمنامى ئىمزالىسا، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۇكرائىناغا سودا قورۇقچىلىقى تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ دېدى؛ سېنتەبىردە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يانوكوۋىچ رۇسىيەنى ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ئۇكرائىناغا بېسىم ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىدى؛ 10-ئۆكتەبىر ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئازاروف ئىككى دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ھازىرقى باھانى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى، بولمىسا، ئۇكرائىنا بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گازىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى مۇمكىن دېدى، رۇسىيە ئارقىدىن ئۇكرائىناغا جازا قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مىدۋىدىۋ 15-ئۆكتەبىر: ئۇكرائىنا ئالاقە قىلغۇچى دۆلەت كېلىشىمى ئىمزالىسا پايدا ئالالمايلا قالماستىن تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بازىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ دېدى.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رۇسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرى بىلەن قوشنا. گەرچە ئۇكرائىنا مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردە رۇسىيە بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى ئاھالىلەر رۇسىيەدىن ئايرىلىپ ياۋروپاغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر