باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى تورىنىڭ تورداشلىرى ئىتتىك ياكى كاسات ئورۇنلار ۋە ۋەزىپىلەرگە كۆز تىكتى

2013.10.17 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17كە قەدەر، تىزىملاتقان ئادەم سانى 13 مىڭ 124كە يەتتى، بۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىق بۇلتۇرقىدىن قېلىشمىدى. نۇرغۇن خىزمەت ئورنى ئىچىدە، تاموژنا ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال تارماقلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت ئورنىغا تەۋە شاڭخەي شەھەرلىك تاموژنىنىڭ مۇئاۋىن نازىر ئورنىغا تىزىملاتقانلار 399كە يېتىپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولدى، بۇ خىزمەت ئورنىغا 8 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، رىقابەت نىسبىتى 50:1 گە يېقىنلاشتى، ئۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىق ئالدىنقى نەچچە يىلدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلار ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان تۇنجى كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپ قالدى.

  2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تۇنجى كۈنى تىزىملاتقانلار 13 مىڭ 124 كىشىگە يەتتى، دۆلەت بېجى ئىدارىلىرىگە تىزىملاتقىنى 6880 كىشىگە يىتىپ، %52نى ئىگىلىدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇلتۇرقى لاياقەتلىك كىشى سانىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تىزىملاتقان تۇنجى كۈنىلا دۆلەت بېجى ئىدارىسىگە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ تىزىملىتىشىغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەقىلغە مۇۋاپىق تىزىملىتىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە رەسمىي باشلانغان، چۈشتىن كېيىن سائەت 5كە قەدەر، 9 سائەت ئىچىدە 13 مىڭ 124 كىشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 6299 كىشىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەنمۇ بەك يۇقىرى بولدى، بۇنىڭدىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، 5 يىل ئىچىدىكى مەلۇماتتىن مەلۇمكى، بۇ سان 2010-يىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.

  2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تۇنجى كۈنى تىزىملاتقانلار 13 مىڭ 124 كىشىگە يەتتى، تاموژنىغا 1219 كىشى تىزىملاتقان، بۇ سان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 3.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر