باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تارماق جۇڭگو تىبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.10.17 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە چىقارغان «جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا ھازىرقى 17 جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىيال مەخسۇس بازىرىدىن باشقا جايلارنىڭ يېڭىدىن جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى مەخسۇس بازىرىنى ئېچىشىغا بىردەك بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھازىرقى 17 جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىيال مەخسۇس بازىرىدىن باشقا جايلارنىڭ يېڭىدىن جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى مەخسۇس بازىرىنى ئېچىشىغا بىردەك بولمايدۇ. جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى مەخسۇس بازىرى بار جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى «كىم ئاچسا، شۇ باشقۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بازار ئېچىش سۇبيېكتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر