باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھاكىمىيەتنى پاك يۈرگۈزۈش كۇرسى ئېچىلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىراتىنى سۆزلىدى

2013.10.21 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئۆكتەبىردىن 16-ئۆكتەبىرگىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى تۇنجى قېتىملىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى پاك يۈرگۈزۈش كۇرسى ئاچتى. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۇنىڭدەك مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق-كومىتېتلاردىن 41 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر كۇرسقا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن 16-چېسلا كۇرس سۆھبەت يېغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش، چىرىكلىشىشنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشنى خىزمەت نىشانى قىلىش لازىم. جازالاشتىن مەقسەت تۈزەش. غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى «چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان» قىلىش؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى «چىرىكلىشەلمەيدىغان» قىلىش؛ چېرىكلىشىدىكەن چوقۇم جازالاش، پارىخورلۇق قىلىدىكەن چوقۇم تازىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان» قىلىش لازىم.

  كۇرسانتلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەتنى پاك يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ كۇرستا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگەندى ھەمدە مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى. كۇرسانتلار ھاكىمىيەتنى پاك يۈرگۈزۈشكە بولغان تونۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت شۇنىڭدەك قانداق قىلغاندا ئاڭلىق ھالدا ھاكىمىيەتنى پاك-دىيانەتلىك يۈرگۈزگىلى بولىدغانلىقى ئۈستىدە تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكەتلىرىدە قىسمەن كۇرسانتلارنىڭ تەسىرات-چۈشەنچىلىرى مۇددەتكە بۆلۈپ تاللاپ ئېلان قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر