باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە شەك چۈشتى

2013.10.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى قايتا ئەۋج ئالدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سەبىرت 23-ئۆكتەبىردە مۇنداق دېدى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ زۇڭلى مېركىلنىڭ يانفوندا سۆزلەشكىنىنى بەلكىم ئوغرىلىقىچە ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇۋالدى. مېركىل شۇئان ئوباماغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشنى تولۇق چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە زۇڭلىسى لىتا ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيە پۇقراسىنى نازاەت قىلغانلىقى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 22-چېسلا، مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ميېدې مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا ۋە سابىق زۇڭتۇڭى كالدېروننىڭ يانفوندا سۆزلەشكىنىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتەك جاسۇسلۇق قىلمىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىنى دەپسەندە قىلغانلىق. 21-چېسلا، فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرى فابيۇس ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ فىرانسىيە چېگراسى ئىچىدە ئوغرىلىقچە ئاڭللىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئامېرىكنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىفۇجىننى جىددىي چاقىرتتى.ياۋروپا قىتئەسىدىن لاتىن ئامېرىكىسىغىچە، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداش دۆلەتتىن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلاشقانلىقىدىن تارتىپ ئادەتتىكى يىغىن خاتىرىلىرىغىچە بولغان دائىرىدە، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش پىلانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر