باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، قانۇن بويىچە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك

2013.10.29 08:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدىكى دېمۇكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  فېڭ جىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 26 – ئۆكتەبىر مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىپ، ئىستىلنى تۈزىتىش روھى بويىچە تەنقىد قىلىش بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەنزىنىڭ ئويۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى يىغىندا دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بىر – بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، تەنقىد قىلدى ھەم تەنقىدلەش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردىكى ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› جەھەتتە مۇنداق ئالتە ئاساسى مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى: بىرىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن پارتىيەنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەتقىقاتى يېتەرلىك بولمىدى، ئۇسۇل – چارىلىرى كۆپ ئەمەس. ئىككىنچىدىن، بەزى يولداشلار خەلق قۇرۇلتىيىغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك بولمىدى، ‹‹ باشقا كۈن چۈشكەندە ئامال تېپىلىدۇ››، خەلق قۇرۇلتىيى 2 – سەپ ھېسابلىنىدۇ، دېگەن ئويدا بولدى. ئۈچىنچىدىن، ئىقتىدارى يۇقىرى ئەمەس، تەرتىپنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈش، شەكىل مەزمۇندىن كۆپ بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. تۆتىنچىدىن، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس، نازارەت قىلىش سالمىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى گەۋدىلىك ئەمەس. بەشىنچىدىن، بەزىلەر ئۆزىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى بوشىتىپ، ئىشخانا شارائىتى، ماددىي جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلار بىلەن بەسلەشتى. ئالتىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېھمان كۈتۈش تازا قېلىپلاشمىدى.

  مەركەزنىڭ 12 – تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لوڭشېڭ باھا بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يىغىنغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىپتۇ، پىكىر ئېلىش دائىرىسى كەڭ، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاساسى ياخشى، مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلىشى توغرا، سەۋەبلەرنى ئانالىز قىلىشى چوڭقۇر، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا سەمىمىي ۋە ئادىل بوپتۇ، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى كونكرېت، ئەمەلىي بولۇپ، بىر تەرەپتىن تەرتىپكە سېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىپتۇ.

  ئەركىن ئىمىرباقى دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بەلگۈلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى، خەلق ئارزۇسى ۋە ئەلرايىنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى بىرىنچى ئىش دەپ ئويلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئەقىل – پاراسەتنى ئۆستۈرۈش ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە ئامما ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر