باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش تېزىسى››نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.10.25 10:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن ‹‹تېزىس›› نى ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش تېزىسى››نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى جەزمەن ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش تېزىسى›› تۈزۈپ چىقىلدى (تۆۋەندە ‹‹تېزىس›› دېيىلدى). مەركەز ‹‹تېزىس››تا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تۈپ مەزمۇنى بىرقەدەر ئەتراپلىق، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشكە پايدىلىق، دەپ قارىدى. مەركەز پارتىيە ئىچىدە ‹‹تېزىس››نى (مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىر تۇتاش بېسىپ تارقىتىدۇ) پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىشقا قوشۇلدى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەشۋىقات – تەربىيەسى پائالىيىتىنى تەشكىللەش جەريانىدا، ‹‹تېزىس››نى ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن ھەم يىلتىزداش بولۇش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئىچكى مۇناسىۋىتىنى ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيە سىستېمىسى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرگە يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر