باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش مەملىكەت تەۋەسىدە كېڭەيتىلدى

2013.10.28 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىجارەت بېجى كۆپەيمە قىممەت بېجىگە ئۆزگەردى، بۇ مالىيە بېجى ساھەسىدىكى زور ئىسلاھات، 19 ئاي سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سىياسەت كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، باجنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، 8-ئاينىڭ ئۆزىدىلا باجنى قىسقارتىش كۆلىمى ئالدىنقى يەتتە ئايدىكى باجنى ئازايتىش كۆلىمىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغان. سىياسەت كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە مۇلازىمەتچىلىك كەسىپلىرى مەملىكەت بويىچە «تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» سىنىقىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ساھەگە ئايلاندى. جياڭسۇدىكى بىر كىنو تېلېۋىزىيە شىركىتى يېڭى سىياسەتتىن تۇنجى تۈركۈمدە نەپكە ئېرىشكۈچىگە ئايلاندى. شىركەت توردا باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئەمەلىي باج سوممىسى بىر قەدەر ئازايدى. ھازىر، تاشقى ئورالما مۇلازىمىتى چىقىمىدىلا كۆپەيمە قىممەت بېجى تالونى ئارقىلىق باجنى ياپىدىغان بولدى، نۇرغۇن كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقىم مۈلۈكنى سېتىۋېلىش، تېخنىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىمۇ باجنى تۇتۇپ قېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىلارنىڭ ئەسۋابلارنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى.

  8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قاتناش تىرانسپورت كەسپى ۋە قىسمەن زامانىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە مەملىكەت بويىچە 2 مىليون 220 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىغا كىرگۈزۈلدى. 8-ئاينىڭ ئۆزىدىلا، مەملىكەت بويىچە 13 مىليارد 13 مىليون يۈەن باج ئازايدى. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش كۆلىمى 26 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، باجنى ئازايتىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى تۆمۈر يول تىرانسپورتى بىلەن پوچتا تېلېگراف قاتارلىق كەسىپلەرنى كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى لايىھەسىگە كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. كېيىنكى باسقۇچتىكى يېمەك ئىچمەك، پارچە سېتىش قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش تۈرىدىكى مۇلازىمەتتىمۇ تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىن ئۈمىد باركەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر