باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پېرۇ ئالى سوت مەھكىمىسى تىڭسىننىڭ جازا ئۆتەش مۇددىتىنى ئائىلىسىدە ئىجرا قىلىشى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2013.10.28 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پېرۇ ئالى سوت مەھكىمىسى 25-ئۆكتەبىر سابىق پىرېزىدېنت تىڭسىننىڭ جازا ئۆتەش مۇددىتىنى ئائىلىسىدە ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تىڭسىن شۇ كۈنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى، بىراق سۆز قىلمىدى.

  تىڭسىن 1990-يىلى بېرۇنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان،ھەمدە ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەزىپە ئۇدا ئۆتىگەن. 2000-يىلى 11-ئايدا، تىڭسىن مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي كىرىزىس تۈپەيلىدىن ياپونىيەگە بېرىپ سىياسىي پاناھلانلىق ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ھەمدە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. 2005-يىلى 11-ئايدا ئۇ چىلىدا قولغا ئىلىنغان ھەمدە 2007-يىلى 9-ئايدا بېرۇغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. تىڭسىن چىلىدىن دۆلىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بۇيان تۆت قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

  17- ئۆكتەبىر، تىڭسىن يەنە بىر قېتىم سوراق قىلىنىپ، تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئومۇمنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەن، پارا ئالغان ۋە كۆپلىگەن گېزىتخانىلارنى سېتىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى رەقىبىگە ھۇجۇم قىلغان دەپ شىكايەت قىلىندى، تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭغا قارتا تىڭسىنغا 8 يىللىق قاماق جازاسى ھەمدە مەلۇم سوممىدا ھەق تەلەپ تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر