باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاكىنونىڭ كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىشى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك(1)

2013.10.31 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاكىنو بىر خىل تەكەببۇر پوزىتسىيەسى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاتتىق قوللىغىنى ئىپادىلىدى، ئەمما يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋالدى، ئۇ پاكىتتىن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك ھاياتلىققا سەل قاراشتەك سوغاققانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  23-ئۆكتەبىر فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو 3-مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مانىلادىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ. بۇ ئاكىنونىڭ بىرىنچى قېتىم مۇشۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشى ئەمەس.

  2010-يىلى 23-ئاۋغۇست مانىلادا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە سەككىز شياڭگاڭلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەتتە شياڭگاڭلىق يارىلاندى. ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغۇچىلار فىلىپپىن ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراش، تۆلەم بېرىش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جازالاش، مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى فىلىپپىن دائىرىلىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئەمما ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى كەينىگە سۆرەپ يۇقىرىقى تەلەپنى تولۇق ئورۇندىمىدى، بولۇپمۇ كەچۈرۈممۇ سورىمىدى، تۆلەممۇ بەرمىدى.

  ئاكىنونىڭ ئۆزى كۆپ قېتىم ئاشكارا كەچۈرۈم سورىماسلىق مەيدانىنى ئاقلىدى، يىغىنچاقلىغاندا، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى قاتىلنىڭ شەخسى ھەرىكىتى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن؛ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانكەن، ھۆكۈمەتنىڭمۇ كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ فىلىپپىننىڭ مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي كەچۈرۈم سورىشى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ تۆلەم مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فىلىپپىن بۇ ۋەقەنى تەكشۈردى، قۇتقۇزۇش داۋامىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن قىسمەن خادىملار بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ ۋەقە ھەل قىلىنىپ بولدى.

  ئاكىنونىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى-ئىقتىدارسىز ئادۋۇكات ۋە تار سىياسىيونغا ئوخشايدۇ. فىلىپپىننىڭ پۈتكۈل ھەل قىلىش جەريانىدا يوچۇق كۆپ بولغانلىقتىن، كەڭ دائىرىدە ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، فىلىپپىن دائىرىلىرىمۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ فىلىپپىن ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئاكىنو 3- بىر جۈملە خاتا سۆز يەنى قاتىل ئارقىلىق فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، ۋەقە ھەل قىلىنىپ بولدى دېگەن جۈملە بىلەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىدارلار شۇنداقلا شياڭگاڭ جەمئىيىتىگە تاڭماقچى بولدى. بۇ خىل ئۇسۇل خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر