باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش، سېتىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2013.10.31 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاقلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ئانا سۈتى ئورنىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەر-ئانا سۈتى ئورنىدىكى مۇھىم مەھسۇلاتلار. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ماركا، بەلگىلىرىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەلگە سېلىشى، بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ كىرگۈزگەن ماللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ماركا، بەلگىلىرىدە، ئانا سۈتىنى ئېمىتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان خەتلەرنى ئىشلەتكەندە، بوۋاقلارنىڭ رەسىمىنى بېسىشقا، ئانا سۈتىگە ئوخشاش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر