باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تور بېكىتىنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن كەچۈرۈم سورىدى

2013.10.31 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى 29-ئۆكتەبىر بىر تۈرلۈك داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يوچۇقىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئۈستىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى لېكىن ئارقىدىن يەنە مەسىلىگە تورنى ئورناتقۇچى خۇسۇسىي ھۆددىگەر جاۋابكار دېدى.

  «ساغلاملىق سودا بازىرى» نامىدىكى مۇقىم باھا داۋالاش سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش تور بېكىتى ئامېرىكىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، 1-ئۆكتەبىر رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان تېخنىكىلىق كاشىلا ھەمدە يوچۇقلارنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىغانلىقتىن ناھايىتى زور تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى.

  بۇ تورنى قۇرغان نۇرغۇن ئاساسلىق سودا ھۆددىگەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئىسپات بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەردە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئەكسىچە سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرىنى ماسلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىدى دەپ ئەيىبلەپ، قارشى تەرەپنى تور بېكىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ھۆددىگەرگە سىناق قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بەرمىدى دەپ تەنقىدلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر