باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاراتقۇلار: پېنسىيەگە چىقىش5 يىل كېچىكتۈرۈلسە، ھەر ئايدا 900 نەچچە يۈەن كۈتۈنۈش پۇلىنى ئارتۇق ئالغىلى بولىدۇ

2013.10.28 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يىن چېڭجى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېقىندا جەمئىيەتتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يولغا قويۇش پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تېخى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر تېخى بېسىققىنى يوق. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى تەمىنات بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ھەق قانچە ئۇزۇن تاپشۇرۇلسا، تەمىناتمۇ مۇناسىپ ھالدا شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق بولغاندا، پېنسىيەگە چىقىش 5 يىل كېچىكتۈرۈلسە، ھەر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى زادى قانچىلىك كۆپىيىدۇ؟ بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ھېسابلاش ئارقىلىق، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەن بولغان ئىشچى-خىزمەتچى ئەگەر پېنسىيگە چىقىشنى 5 يىل كېچىكتۈرسە، ھەر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال پېنسىيەگە چىققانلارنىڭكىدىن 900 نەچچە يۈەن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشتا، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ئۆلچەم قىلىپ، %8لىك نىسبەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇل شەخسىي ئىسچوتقا كىرگۈزۈلىدۇ. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن شەخسىي ئىسچوت كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر