باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2013.10.29 08:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن ۋاڭ ئەنشۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

  فېڭ جىن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر 25 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئەنشۈن باشچىلىقىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا 4 – قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

  شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ۋە يۇمشاق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قان بېرىش ۋە قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، بېيجىڭنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن خوتەننىڭ ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. 2011 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 338 نى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلىنىپ، 256 تۈر تاماملاندى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغىنىڭ 4 مىليارد 820 مىليون يۈەنى ئەمەلىيلەشتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭغا سالىدىغان مەبلەغنىڭ 5 مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىر، بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە بالدۇر مەبلەغ سېلىش، تۈرلەردە بالدۇر ئۈنۈم يارىتىش ۋە ئاممىنى بالدۇر مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە ئۈرۈمچىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ شىنچى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىڭتۈەن 14 – شىسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم 14 – شىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن دوكلات ۋە تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا 4 – قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت سىجىللىقىنى ساقلىشىنى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى، كەسىپ، بازار، مائارىپ – تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى؛ مائارىپ جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىنى؛ ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە كەسپىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشتىكى يېتەكچىلىك رولى، ئېچىۋېتىشتە مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىشىنى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ ئەنشۈن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى مەركەزنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، پايتەختنىڭ ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ راۋاجلىنىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئەلرايىنى ئۇتۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، ما مىڭچېڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، رىزۋان ئەبەي قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر