باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.10.28 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ 25-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىركەتلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىگە ئىجازەتلىك كىرىشنى قويۇۋېتىپ، ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاشكارا ، ئادىل بولغان زامانىۋى شىركەت تىزىملاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئىسلاھات لايىھەسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى.

  بۇنىڭ مەقسىتى سىياسەتنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار بەرپا قىلىش، جەمئىيەتنىڭ كاپىتال كۈچىنى قوزغىتىش، كىچىك مىكرو كارخانىلار بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ، قېلىپلاشقان بىرلىككە كەلگەن، كىرىشنى قويۇۋېتىش قاتتىق باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، شىركەت تىزىملاش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجازەتلىك كىرىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچىلىك ،ئادىل، تەرتىپلىك بازار تەرتىپىنى كۈچەيتىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش لازىم. جايلار ۋە تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى تىزدىن تۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە قېلىپ بويىچە، ئۆز رايونىنىڭ بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ئۇچۇر ئېلان قىلىش سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇش لازىم. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر