باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە تاراتقۇلىرى: جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ياپونىيەنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى

2013.10.29 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېگەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونى «دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھالدا دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.

  ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى» گېزىتى 28-ئۆكتەبىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭدا زىيارەتكە كەلگەن روسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىف، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگ ۋە موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئالتانخۇياگلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ قۇرقلۇقتىكى قوشنا دۆلەتلىرى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەتراپ دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ئەندىشىدىن خالىي بولۇپ، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. ئۈچ دۆلەت رەھبىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىمۇ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولغان جۇڭگودىن ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر