باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2013.10.29 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر مەركىزىي ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: دۆلەت ئالىي ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانى («ئون مىڭ كىشىلىك پىلان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىسىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىندى.
«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»چەت ئەلدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان «مىڭ كىشىلىك پىلان» بىلەن بىر قاتاردىكى دۆلەت دەرىجىلىك زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە 277 كىشى بۇ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلار 6 نەپەر، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار 72 نەپەر، ياش ئىختىساسلىقلار 199 نەپەر. بۇنىڭدىن باشقا، پەن-تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ساھەسىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار، پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۆت تۈردىكى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشمۇ ئاخىرلاشتى، تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاش تەرتىپلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر