باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلاردىن پىكىر–تەكلىپ ئالدى

2013.10.29 08:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى 24 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سىستېمىسى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ ئالدى.

  دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلاردىن يىغىنغا قاتناشقان كومىتېت مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى مۇنداق دەپ ھېسابلاشتى: دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان، ئىناق ياخشى چوڭ ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارغا ئىختىساسلىقلار مەركەزلەشكەن ئەۋزەللىكنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئىجابىي ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي ۋە ئىناق گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر