باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاي پەرى 3-نومۇر ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغۇچى توشۇغۇچى راكېتا شىچاڭدىكى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى

2013.10.28 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-ئۆكتەبىر دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاينى كۆزىتىش قۇرۇلۇشى ئاي پەرى 3-نومۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق ئۈچىنچى 23 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا يىل ئاخىرىدىكى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، شۇ كۈنى بېيجىڭدىن مەخسۇس پويىز بىلەن شىچاڭ سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق ئۈچىنچى 23 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا باغلانمىلىق 3 دەرىجىلىك سۇيۇقلۇق توشۇغۇچى راكېتا بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ئاساسلىق تەتقىق قىلىپ ياسىغانكەن.

  ئاي پەرى 2-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمرانى قويۇپ بەرگەن راكېتا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ راكېتادا كۆپ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا قوللىنىلىپ، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا ئەھۋاللىرى ئۆزگەرتىلگەن، كۆپ كۆزنەكلىك، تار كەڭلىكتە قويۇپ بېرىش ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئوربىتىغا كىرىش تېخنىكىسى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىشەنچلىكلىكى ۋە بىخەتەرلىكى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان.

  ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق ئۈچىنچى 23 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا 1-نويابىر قويۇپ بېرىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. راكېتا مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار قۇراشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىش خىزمىتى ئارقا ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. 12-سېنتەبىر شىچاڭدىكى سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىگە كىرگۈزۈلگەن ئاي پەرى 3-نومۇرلۇق كۆزىتىش ئەسۋابىنىڭ تۈرلۈك سىناق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، ئاي پەرى 3-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر