ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى & فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى چىلانلىق باغ قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكتىن چىلانلىق باغ كۆلىمى 12مىڭ 155موغا يېتىپ، بۇ يىل 27- ئۆكتەبىرگىچە دېھقانلار چىلانلىرىنى يول ماڭمايلا بۇ بازاردىكى يەتتە چىلانچىلىق كوپىراتىپىغا يىل بېشىدىكى توختام بۇيىچە ھەر كىلوگرامنى 12يۈەندىن 15 يۈەنگىچە سېتىپ، 24 مىليون 600مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى سۆرەتتە: 27- ئۆكتەبىر ئۇزۇن بازىرىنىڭ ئۇچقار 1- كەنتىدىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپغا چىلان سېتىپ بەرمەكتە.