باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىشەنچ ۋە ئىرادىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.10.24 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردە جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، شۇنداقلا گۈللەنمە بازار دۆلىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىل جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى مول ھوسۇللىق يىل بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى ئەپەندىنىڭ دۇرباندىكى ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بۇ يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىشتى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قويۇق ئالاقىسى دۇنياغا جۇڭگو-ھىندىستان دوستلۇقىدىن ئىجابىي ئۇچۇر يەتكۈزدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. (جاڭ مىڭخاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر