باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.10.25 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،«قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىيدەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.«پىكىر»دەقورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك دەپ بەلگىلەندى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنگۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 34 ماددىلىق بۇ «پىكىر» دە «ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغداش»، «ئەڭ تۆۋەن چەكتە كەڭچىلىك قىلىش» يېتەكچى پىكرى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇىم تەرەپتىن بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە توسۇش تەلەپ قىلىندى.«پىكىر»نىڭ 9-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ۋەسىيلىك قىلىش، تەربىيەلەش، مەشىقلەندۈرۈش، پاناھلاندۇرۇش، خەۋەر ئېلىش، داۋالاش قاتارلىق ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار خادىملار شۇنداقلا باشقا پۇقرا ۋە ئورۇنلاردىن قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغانلارنىڭ ج خ ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. «پىكىر»نىڭ 10-ماددا 2-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەندى: ج خ ئورگانلىرىدىن قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان ياكى ئالاقىدار يىپ ئۇچى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىرى دېلونىڭ ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر دەرھال قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنى توسۇش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قوغداش، نەق مەيداننى قوغداش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار تارماقلارغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پاناھلاندۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بەلگىلەشتە قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بايقاپ ۋە توسۇپ، قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

  ۋەسىيلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا قارىتا، «پىكىر»نىڭ 33-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە باشقا خادىملار، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىينىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، باشقا ۋەسىي بېكىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوللىشى كېرەك. بۇنداق بەلگىلەشتە قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەپ چىشىنى چىشلەپ چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، تېخىمۇ زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان. (ياڭ مېڭچېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر