باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇبا ھۆكۇمىتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇل قوش تۈزۈم سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى باشلاپ، پۇل ۋە پېرۋوت نىسبىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.10.25 00:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇبا «گىلاما گېزىتى» 22-كۈنى ھۆكۇمەت باياناتى ئېلان قىلىپ، كۇبا ھۆكۇمىتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇل قوش تۈزۈم سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى باشلاپ، پۇل ۋە پېرۋوت نىسبىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دېدى.

  نۆۋەتتە كۇبادا ئىككى خىل پۇل ئوبورۇت قىلىنىۋاتىدۇ، بىر خىلى كۇبا پىسۇسى بولۇپ، كۇبا خەلقىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئىش ھەققى ھەم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۇچۇن چىقىم قىلىنىدۇ. 1995-يىلى تارقىتىلغان ھەم ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بۇ پىسۇنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۇبادىكى خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇبا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، كۇبا پىسوسىنىڭ ئوبوروت دائىرىسى بارغانسىرى كىچىكلەپ ،بەزى دۇكان ،تاللار بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئىستېمال سۇرۇنلىرىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان پىسۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قالدى.

  ئىسپانىيە ئەيفېي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،كۇبا رەھبىرى لاۋئېر كاسترو بۇ يىل 7-ئايدا كۇبا مەملىكەت خەلقى ھاكىمىيەت ۋەكىللەر يىغىندا سۆزلىگەندە، پۇل قوش تۇزۇمىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا بىر زور توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە، كۇبا پۇلىنى ۋە پېرۋوت نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۇرۇش جەريانى 18 ئايچە داۋاملىشىدىكەن، بۇ جەرياندا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان پىسونىڭ قىممىتى چۈشۈپ، كۇبا پىسوسىنىڭ قىممىتى ئۆرلەيدىكەن.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى، كۇبا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن سىياسەت چىقاردى. ھۆكۈمەت 9-ئايدا ياغاچچىلىق، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىق 18 كەسىپنىڭ يەككە تىجارەت چېكىنى قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خۇسۇسىي ئېگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلغان كەسىپ 201 گە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۇبا مالىر پورتىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ تاشقى مەبلەغنى جەلىپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(بۇلبۇلناز تەرجىمىسى)

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر