باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كارب دېڭىزى رايونىدىكى 14 دۆلەت ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيەنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى

2013.10.25 00:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارب دېڭىزى رايونىدىكى 14 دۆلەت بىرلىشىپ، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرگە قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ 18-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە ئېلىپ بارغان قۇل سودىسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنى، ھەمدە قۇل سودىسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ناچار تەسىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. يۇقىرىدا دېيىلگەن 14 دۆلەت ئەنگىلىيەدىن بىر ئادۋوكاتلىق ھەرىكەت ۋەكىلى ياللاپ، ئاۋۋال سۆزلىشىپ مەسلىھەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى، ئەگەر تىنچ ھەل قىلىش مەغلۇپ بولسا، ئۇلار گائاگا خەلقئارا سوتىغا ئەرز قىلىشنى پىلانلىدى. دەۋا ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر يىلى سوراق قىلىنىدۇ، كونكىرېت تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسى تېخى بېكىتىلمىدى.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر