باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 3 پەسىلدە شەھەر-بازارلاردا 10 مىليون 660 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئالدىن تاماملاندى

2013.10.25 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 10مىليون660 مىڭ كىشىگە يېتىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن «شەھەر-بازارلاردا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشانى ئالدىن تاماملاندى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە ئېلىمىزدە GDPنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، 3- كەسىپنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1-،2- كەسىپ ۋە GDPنىڭ دىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئورگانلارنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، بازارغا مۇداخىلە قىلىشنى ئازايتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پايدىلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، كىشىلەرنى زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، بىر قىسىم نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبېكتى بولغان ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كاپالەتگە ئىگە قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر