جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرەيلىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 18-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئەمەلىي، چوڭقۇر بولغان چوڭ-كىچىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىقى كومىتېتى، جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتى، جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ خىزمەت دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. (جاۋ مىڭۋۇ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى