خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئاق سارايدا پۇتۇن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيەدە سۆزلەپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى ياقلىدى، ئامىرىكىنىڭ سىياسىي ساھە قائىدىسى بويىچە زوڭتوڭ سۆز قىلغاندا خەلق ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ «ئادەم تام» بولۇپ بېرەتتى. ھالبۇكى ئوباما سۆزلەپ 25 مىنۇتلار بولغاندا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان قىزىل كىيىملىك بىر ھامىلدار ئايال ئازراق دەلدەڭىشىپ كەتتى، ئوباما خۇددى كەينىدە كۆزى باردەك دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى يۆلىۋالدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئايالنى يۆلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن مىكروفونغا بۇرۇلۇپ، «ئۇزۇن سۆزلەپ كەتتىم» دەپ چاقچاق قىلدى.(بۇلبۇلناز تەرجىمىسى)
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر