سۈرەتتە :لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوغلاق مۇسابىقىسىدىن بىر كۈرۈنۈش.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلىجان ئىسمائىل فوتوسى، خەۋىرى: لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە توغراق مەنزىرىسى ۋە لوپنۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، «غەرىپتىكى قۇياش شەھىرى» ساياھەت ماركىسىنى يارىتىش ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭگو فوتوگرافىيەسى» ژۇرنىلى بىلەن بىرلىشىپ «لوپنۇر ئۆرپ ئادىتى ۋە مەنزىرىسى» تېمىسىدا مەملىكەت دەرىجىلىك فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى تەشكىللىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ئوغلاق، بېلىق كاۋىپى پۇشۇرۇش، قىيىقتا بېلىق تۇتۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. كورىيە، سىنگاپور، ياپۇنىيە قاتارلىق چەتئەللەردىكى ۋە مەملىكىمىتىزدىكى 300دىن ئارتۇق فوتوگراف لوپنۇرغا كېلىپ پائالىيەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ باردى.