باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

گېتلېردەك ياسىنىۋالغان ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشى رەت قىلىندى

2013.10.24 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە «سۈرەتلەر گېزىتى»نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا، ئەنگلىيەدىكى 10 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا مەكتەپ تەشكىللىگەن نىقابلىق ئۇسسۇل پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولۇپ، ئۆزىنى گىتلېردەك ياسىۋالغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى رەت قىلغان.

  خەۋەردە ئېيتىلىشچە، بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى ۋىليام بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ دوستىل دېگەن يېرىدە تۇرىدىكەن. يېقىندا، ۋىليام ئوقۇيدىغان مەكتەپ بىر قېتىملىق نىقابلىق ئۇسسۇل پائالىيىتى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزلىرىنى 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شەخسلەردەك ياساش ۋە شۇلاردەك كىيىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ۋىليام پائالىيەت سورۇنىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، ئوقۇتقۇچى ئۇنى توسۇپ قالغان، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى گىتلېردەك ياسىۋالغان. ئۇ گىتلېرغا ئوخشاش كىيىنىپلا قالماستىن، يەنە گېتلېرنىڭ بۇرۇتىنى سىزىۋالغان، ھەمدە يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان، ئۇنىڭ بۇرۇتىنى ئانىسى سىزىپ قويغان. گەرچە نىقابلىق ئۇسسۇل پائالىيىتىدە ھېچقانداق تەلەپ بولمىسىمۇ، ئەمما ۋىليام چەكتىن سەل ئاشۇرۇۋەتكەن. كېيىن، ئۇنىڭدىن چاپاننى سېلىۋېتىش، بۇرۇتىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، يەڭ بەلگىسىنى ئېلىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نىقابلىق ئۇسسۇل پائالىيىتىگە قاتنىشالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر