باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ

2013.10.28 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئۆكتەبىر ، مۇخبىرنىڭ لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ تۆت يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بولغان لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئالتە چوڭ مۇھىم قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىش باسقۇچىغا كىرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلىنىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، 2009-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ھازىرقى زامان ‹‹پولات-تۆمۈر يىپەك يولى›› غا ئايلانغان . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1776 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ لىنىيە گەنسۇ، چىڭخەي ، شىنجاڭ ئۈچ ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە بىر قېتىمدىلا ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ھېسابلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 710 كىلومېتىر كېلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر