باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

جايلار ئارقا-ئارقىدىن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

2013.10.22 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىل 1-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «1-نومۇرلۇق ھۆججەت» -- «2013 يىلى مائارىپ ساھەسىدە ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›دە ئىمتىھان ئېلىش-ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈشنى مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ساھەسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جۈملىدىن بېيجىڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىلدى. بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى «2014—2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش- قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى رامكا لايىھەسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە «2014—2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش- قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى رامكا لايىھەسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىشقا ئېلان قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھات تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئۇزاق يىل بولغان تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى ئاخىر يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.(مۇخبىر جاۋ ئېنا خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر