باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟

ۋارىسجان ئەھمەد

2013.10.14 17:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر زور كۆپچىلىك بالىلىرىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولغاچقا، ئاتا – ئانىنىڭ تىرىشچانلىغى، تېجەشلىكى، ئىقتىسادچانلىقىنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ قانداقلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىرىدا مەيلى پۇل خەجلەشتە بولسۇن ياكى كېرەكلىك ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا بولسۇن، مەيلى كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشتا بولسۇن ئىسراپخورلۇق، بەتخەجلىك، ھەشەمەتچىلىك يەنىلا ئېغىر. بۇنداق كەيپىيات ئاتا – ئانىنىڭ ھەشەمەتچىلىكى، بەتخەجلىكى، ئىسراپخورلۇقىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان دېسەك ئوشۇقچە بولمايدۇ. يېقىندا، بىر گېزىتتىن كۆرۈشۈمچە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا كۈندە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تاماق ئىسراپ بولىدىكەن.

  ھازىرقى بالىلارغا توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تەييار دىسەك كۆپتۈرگەن بولمايمىز. قارايدىغان بولساق بالىلىرىمىزنىڭ كىيىنىشى زامانغا لايىق بولۇپ، سەللا كونىرىغان كىيىملەرنى ياكى ‹‹ مودا ›› دىن قالغان كىيىملەرنى كىيمەيدۇ. مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن تاكسىدا ئولتۇرىدۇ. زامانىۋى يانفونلارنى ئىشلىتىدۇ... نۆۋىتىدە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنى بەتخەج قىلىپ تەربىيەلەپ قويغاچقا، بالىلار پۇل سورىغاندا ئازراق پۇل بەرسە دادىسى ياكى ئاپىسىنى ‹‹ پىخسىق ›› دەپ ياراتمايدۇ، رەنجىيدۇ، خاپا بولىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بالىلارنى يامان يولغىمۇ، ياخشى تەرەپكىمۇ باشلىغان دەل ئاتا – ئانىدۇر.

  ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھەم پەرزەنتىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدىغان، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك. پەرزەنتىمىزگە تالاي مال – دۇنيا مىراس قالدۇرغىچە، پەزىلەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىنى يىتىلدۈرسەك، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشقا يېتەكلىسەك؛ تېجەشلىك بولۇشقا ئادەتلەندۈرسەك؛ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ راستچىل، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان ئادەم قىلىپ تەربىيەلىسەك، ئاتا – ئانىلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر