كېرىيە ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىىسى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇۋاتقان «ئۈچ خىل» تەربىيە پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ قانۇننى ئادىل، توغرا ئىجرا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 10-ئۆكتەبىر «ئەخلاقلىق ئادەم بولايلى» تېمىسىدا نۇتۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى.20نەپەر خادىم «ئەخلاقلىق ئادەم بولايلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى. (سۈرەتتە: پائالىيەتتىن بىر كۈرۈنۈش؛ پاتىمە ئىسمائىل فوتوسى)