باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرەيلى

2013.10.24 14:45   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرەيلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-چېسلا دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ سىنگى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ كامادا مۇقەرجى ۋە دۆلەت كونگرىسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سونىيا گەندىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئالىيلىرى ھىندىستاننىڭ نوپۇزلۇق سىياسىيونى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتىلا. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت نوپۇسىنىڭ يىغىندىسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ، دۇنياۋى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. مەن زۇڭلى ئەپەندىنىڭ دۇنيادا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا يېتەرلىك ئىمكانىيەت بار، دېگەن سۆزىنى قوللايمەن. مېنىڭچە، دۇنيامۇ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا مۇھتاج. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى بولغا جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. (چيەن تۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغ…
      ·ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تۆت تارماق 24 –ئۆكتەبىر قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز…
      ·جۇڭگو-ئامېرىكا ساقچىلىرى كۆپ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بالىلار سېرىق تور بېكەتلىرىنى بىتچىت قىلدى
      ·بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا  مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى
      ·مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟(1)
      ·2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى تورىنىڭ تورداشلىرى ئىتتىك ياكى كاسات ئورۇنلار ۋە ۋەزىپىلەرگە …
      ·جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇكاپاتى تۈرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى
      ·بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟ 
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كوللېكتىپ ئۇس…
      ·تيەنئەنمېندىكى گۈللۈككە چىراق ئورنىتىلىپ بايرام كۈتۈۋېلىندى، ئۈچ ئۆلچەملىك چىراغ كىشىنى مەپتۇن قىلد…