خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۆز ئورنىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، دېھقانلارنى ئانارلىق باغ قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، بۇ بازاردىكى ئانارلىق باغ كۆلىمى 1255موغا يېتىپ، دېھقانلار 24- ئۆكتەبىرگىچە ھەر مو يەردىن 10مىڭ يۈەندىن 12مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ ، ئانارلىق باغ قىلغاننىڭ قەنتىنى چاقتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)
سۆرەتتە: 24- ئۆكتەبىر ئۇزۇن بازىرىنىڭ يېڭىتۇر 1- كەنتى 2- گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان سۇلايمان ئەرشى ئايالى بىلەن بىرگە بازارلىق ئانار ئۈزمەكتە.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى