ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى؛ فوتوسى: شايار ناھىيە گەزقۇم يېزا جەرەن باش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان قۇربان روزى 22-ئۆكتەبىر سەھەر توغراقلىقتا قوي بېقىۋېتىپ پۇتى يارىلانغانلىقتىن ھەرىكەت قىلالماي، توغراق تۈۋىدە يېتىپ قالغان تارىم بوغىسىدىن بىرنى بايقايدۇ ھەم بۇ بوغىنىڭ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قالغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال تراكتور ئەكىلىپ يارىلانغان تارىم بوغىسىنى ئۆيىدە چارۋا دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ داۋالايدۇ ۋە ئەھۋالنى يېزىلىق توغراق ئورمان مۇھاپىزەت پونكىتىغا مەلۇم قىلىدۇ. تارىم بوغىسسى دۆلەتنىڭ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋاننىڭ بىرى بولۇپ،يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار قۇربان روزىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئاڭلىقلىق بىلەن قۇتقۇزغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇقۇشىمچە ھازىر بۇ يارىلانغان تارىم بوغىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ. تەبىئەتكە قايتۇرۇلۇپتۇ.