باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايوننىڭ يول ۋە سۇ مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك

2013.10.25 10:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسىلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شياۋشى 22 – ئۆكتەبىر: غەربىي رايوندىكى ئامما ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلىۋاتقان يول ۋە سۇ مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك، دېدى.

  شۈ شياۋشى مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، غەربىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەت يولى غول لىنىيەسىنىڭ غەربىي رايون بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى، غەربىي رايوندىكى ئۆلكە ئارا سەككىز غول يول ئۆز قەرەلىدە ياسىلىپ بولدى.

  شۈ شياۋشى مۇنداق دېدى: تەبىئەت، تارىخىي ئامىللار تۈپەيلى، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر تۈپتىن ھەل قىلىنمىغانىدى. غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىنى سىجىل، ساغلام ئاشۇرۇش ئاساسى ئاجىز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت تورىنىڭ رامكىسى يېقىندا شەكىللەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئومۇميۈزلۈك ناچارلىشىشقا يۈزلىنىش ئەھۋالى تېخى تىزگىنلەنمىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندا گوۋۇيۈەن تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئورۇنلاشتۇرمىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە نامرات رايونلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ؛ تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان يول تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول يوللىرىنى ئۆزگەرتىش كۈچەيتىلىدۇ؛ غول سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، چوڭ، ئوتتۇرا سۇ ئامبىرى ۋە شەھەر سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر