باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ئۆزۈمگە قانداق قارىسام، ئاممىمۇ ماڭا شۇنداق قارايدۇ، دېگەن قاراشتا بولمايلى

2013.10.25 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا(1)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ھازىرغىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىجابىي ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بەزى پاسسىپ ئەھۋاللار كۆرۈلگەن، جۈملىدىن بەزى تارماقتىكىلەر خىزمەت ئۈستىدە توختالغاندا، ئومۇمەن ياخشى دەپ ماختىنىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يوشۇرغان، بەزىلىرى ھەتتا قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىغان، يەنە بەزى كادىرلار ئۆزلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغان بولسىمۇ، ھەمىشە مەسىلىنىڭ ئېغىرىنى يوشۇرۇپ، يېنىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ھەتتا ئاڭلىماققا ئۆزىنى تەنقىد قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ماختاپ، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بايقىيالماي، مەندە مەسىلە يوق، دەپ قارىغان، بەزىلىرى تېخى ئۆزىدەك ياخشى كادىر يوقتەك ھېس قىلغان. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئۆزۈمگە قانداق قارىسام، ئاممىمۇ ماڭا شۇنداق قارايدۇ، دېگەن قاراش سەۋەب بولغان.

  بۇ دەل ئاممىدىن ئايرىلغانلىقتىن پەيدا بولغان قاراش. رەھبىرىي كادىرلار قانچىكى يۇقىرى ئەمەل تۇتسا، ھەقىقىي تەنقىدنى ئاڭلىمىغى شۇنچىكى تەس بولىدۇ. چۈنكى، خۇشامەتچىلىك، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىرى ھايت دېسە، مىڭى ھۇيت دەپ تەپتارتىدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئىي. نەتىجىدە رەھبىرىي كادىرنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ، قۇلىقى ئېتىلىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ بىلەلمەي قالىدۇ. بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتمەي، ئىش چىققاندا ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئارىسىدا شۇنچىلىك چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى ئاندىن ھېس قىلساق، تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز. ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى بېلىق سۇدىن، دەرەخ يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قالغانلىق دەپ چۈشىنىپ، ئاممىدىن ھەر ۋاقىت ئايرىلىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  ئۆزۈمگە قانداق قارىسام، ئاممىمۇ ماڭا شۇنداق قارايدۇ، دېگەن قاراشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەركەز رەھبەرلىرى تەكىتلىگەندەك، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ھەقىقىي ئاشكارا قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى چولتا، يۈزەكى، ۋاقىتلىق بولۇپ قالسا بولمايدۇ. پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پائالىيەتنى ئاشكارا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ باشتىن – ئاخىر پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغاندىن سىرت، ئاممىنىڭ نازارىتى ۋە تەنقىدىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئامما تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا، پائالىيەت شەكىلۋازلىق بولۇپ قالدى دەپ قارىسا، چالىسىنى تولۇقلاش كېرەك. ئامما ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرەلىگەندىلا، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ھەقىقىي نەتىجىلىك قانات يايدۇرۇلغان بولىدۇ.

  رەھبىرىي كادىرلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ئاممىنىڭ تەنقىدىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن يۈزتۇرا سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشى ھەم ئۇنى پائالىيەتنىڭ ياخشى قانات يايدۇرۇلغان – يايدۇرۇلمىغانلىقىدىكى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاممىنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئاممىۋى لۇشيەندە تېخىمۇ ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر