باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى نەتىجە يارىتايلى، يېڭى تۆھپە قوشايلى

2013.10.24 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر تېمىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ تېمىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمىتى ياخشى ئىشلەش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشى لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر