باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ ھەممىسىلا ئىسلاھاتنى ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدىن باشلىماقچى

2013.10.21 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ساداسى «كەچلىك خەۋەر پەللىسى»نىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر تارقالغان. ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەر ئاشكارىلىغان لايىھەدە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، «ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنى زادى قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟»، بۇ كەڭ دىققەتنى قوزغىدى.

  مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى توغرىسىدا كەينى-كەينىدىن خەۋەر بېرىلدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىنگلىز تىلىدىن ئىمتىھان ئالمايدىغان بوپتۇ. شەندۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سۇڭ چېڭشياڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ئاڭلاش سىنقى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىرنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىنگلىز تىلىنىڭ نومۇر قىممىتى تۆۋەنلىتىلىدىكەن. نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا بەلگىلەنگەن بىرقانچە چوڭ يۆنىلىش ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى 2015-يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىنگلىز تىلى نومۇر قىممىتى تۆۋەنلەيدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر