باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان سۇيۇق ھالەتتىكى ماينىڭ كۈنلۈك مىقتارى سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ئېشىپ كەتتى

«سىلانېتس گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابى» ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەۋرەتتى

2013.10.21 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى PIRA يېقىندا سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان سۇيۇق ھالەتتىكى ماينىڭ كۈنلۈك مىقتارى بۇ يىل سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ «سىلانېتس گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابى»نىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېنىرگىيەدە ئۆز-ئۆزىنى قامداش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل ئېنېرگىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىچى ماي ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن نىفىت ئىمپورت قىلىشنى ئازايتىپلا قالماي، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن خېرىدار تالىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ «سىلانېتس گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابى» ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر «يەرشارى بويىچە نېفىت ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش»نى كۆزلەۋاتىدۇ.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر