باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گۇۋويۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.10.21 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تەدبىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەش ئاساسىنى پۇختىلاش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ئىقتىسادنىڭ سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەش ئاساسىنى پۇختىلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بۇ يىلقى مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئىلمىي ھۆكۈم چىقاردى، بىز خىزمەتلەرنى سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلىتىش ئاساسىي روھى بويىچە، ئېشىشنى تۇراقلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، سىياسەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىشلارنى سالماقلىق بىلەن يۈرۈشتۈرۈپ، تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل رەقەمنى كۆپەيتىۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پۇلنى بوشمۇ قويۇۋەتمەي، چىڭمۇ تۇتۇۋالماي، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، سودا-مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش، تىجارەت بېجى ئورنىغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش سىناق نۇقتىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئىچكى ئىھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، زىيادە ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرۇش، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىش، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىزچىل قوزغاش، ئاكتىپ ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز جۇغلاش. ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۈچىنچى پەسىلدە سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلىگەن. يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشتا گەپ يوق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئاشماقتا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، شەھەر-يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە، ئاھالىنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر